يەمەندە ئىران ئەلچىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

يەمەندىكى ھۇجۇمدا 1 كىشى ئۆلۈپ، 17 كىشى يارىدار بولدى.

136441
يەمەندە ئىران ئەلچىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ئىران ئەلچىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.
پايتەخت سەنئادا ئىران باش ئەلچىسىنىڭ تۇرالغۇسى نىشان قىلىنغان ھۇجۇمدا 1 كىشى ئۆلۈپ، 17 كىشى يارىدار بولدى. 
ساقچى مەسئۇللىرى ئاپتومۇبىل بومبا ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ئەسناسىدا باش ئەلچى ھەسەن سەييىد نامنىڭ ئـۆيىدە يوقلىقىنى ئېيتتى.
ھۇجۇمدا ئۆلگەن كىشىنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
پارتلاشنىڭ تەسىرىدە ئەتراپتىكى بىنالار ۋە ئاپتومۇبىللارمۇ زىيانغا ئۇچرىدى.
ھۇجۇمنى ھازىرچە ھېچ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى. ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر