سۈرىيە: خىمىيەلىك قورالنى قەتئىي ئىشلەتمىدۇق، ھەرگىز ئىشلەتمەيمىز

خىمىيەلىك قوراللارغا دائىر ئەندىشىلەر گوللاندىيەنىڭ لاھەي شەھىرىدە مۇزاكىرە قىلىنماقتا.

135838
سۈرىيە: خىمىيەلىك قورالنى قەتئىي ئىشلەتمىدۇق، ھەرگىز ئىشلەتمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «خىمىيىلىك قورال چەكلەش تەشكىلاتى» غا ئەزا 190 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى ئىشتىراك قىلغان يىغىندا ‹سۈرىيە مەسىلىسى› ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

تۈنۈگۈن يىغىندا سۆز قىلغان ب د ت قورالسىزلىنىش مەسىلىلىرى ئالىي ۋەكىلى ئانگېلا كانې، سۈرىيەنى خىمىيەلىك قورال پىروگراممىسى مەسىلسىدە ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى. كانى، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللىرىنى تازىلىغانلىقى توغرىسىدا قايىل قىلىشى كېرەكلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فەيسال مىقداد بولسا، خىمىيەلىك قوراللارنى قەتئىي ئىشلىتىپ باقمىغانلىقلىرىنى ۋە ھەرگىزمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

خىمىيىلىك قورال چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئەھمەت ئۈزۈمجۈ بولسا، سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ %98 ىنىڭ چەت ئەلگە چىقارتىپ تازىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد ئەددۇراقىمۇ، باغدادنىڭ شىمالىدا ئى ش ئى د مىلىتانلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن خىمىيەلىك قورال ئامبىرىنى ئارمىيەنىڭ قايتۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىغىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە ۋە لىۋىيەدىكى خىمىيەلىك قورال مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر