پەشمەرگە كۈچلىرى ئى ش ئى د گە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى

ئىراقتا پەشمەرگە كۈچلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.

210109
پەشمەرگە كۈچلىرى ئى ش ئى د گە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ مۇسۇلنىڭ ماھمۇر ناھىيەسى بىلەن گۇۋەر ناھىيەسى ئەتراپىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، پەشمەرگە كۈچلىرى ئەربىلنىڭ 45 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى ماھمۇر ۋە گۇۋەرگە قاراشلىق ئىراق شام ئىسلا م دۆلىتىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى يېزىلارنى "ئازاد"قىلىش ئۈچۈن بۈگۈن سائەت 8:00دا ھۇجۇم قوزغىغان.
شىددەتلىك توقۇنۇشلاردىن كېيىن ماھمۇرنىڭ دۇگىركان، ئالاۋىيە ۋە گۇبەدە يېزىلىرى پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ تىزگىنىگە ئۆتكەن. رايوندىكى توقۇنۇشلار ئىككى فىرونتتا يۈز بەرمەكتە ئىكەن.
بۇ ئارىلىقا پەشمەرگە كۈچلىرى توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن ئىتتىپاقداش كۈچلەردىن ھاۋادىن ياردەم بېرىشلىرىنى تەلەپ قىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر