س ن ن تېلېۋىزىيەسى نارازىلىققا ئۇچرىدى

ئامېرىكىدا كىشىلەر س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ فېرگۇسون نامايىشلىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قارشى نامايىش قىلدى.

207762
س ن ن تېلېۋىزىيەسى نارازىلىققا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىگە جايلاشقان س ن ن( TV CNN International) تېلېۋىزىيەسى ئالدىغا توپلانغان كىشىلەر، س ن ن نىڭ فېرگۇسوندىكى ۋەقەلەرگە قارىتا يولغا قويغان ئاخبارات سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.
نامايىشچىلار، ئامېرىكا سوتى مىسسۇرى ئىشتاتىدىكى 18 ياشلىق قارا تەنلىك قورالسىز ياش بروۋننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ساقچىنى سوتلىماسلىقنى قارار قىلغاندىن كېيىن، فېرگۇسوندا پارتلىغان نامايىشلارنى خەۋەر قىلىش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر