ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 40 ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇم يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

202692
ئافغانىستاندا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 40 ئادەم ئۆلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا ۋالېبول مۇسابىقىسىدە ئادەم ھۇجۇمى يۈز بەردى.
ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 40 ئادەم ئۆلدى.
پاكىستان چېگرىسىغا جايلاشقان پاكتىكا ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ۋالىيلىق باياناتچىسى، رايونلار ئارا ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇسابىقىنى نۇرغۇن ئادەمنىڭ كۆرۈشكە كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ياخياكخاي رايونىدا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۆتكۈزۈلگەن ۋالىبول مۇسابىقىسىگە كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى تاماشىبىنلار ئارىسىدا ئۈستىگە تېڭىلغان بومبىنى پارتلاتقان.
ئالاقىدار مەسئۇللار 50 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر