ئافغانىستاندا تۇرۇقلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تالىبان مىلىتانلىرى پايتەخت كابۇلدا چەت ئەللىكلەر تۇرۇۋاتقان بىر تۇرالغۇغا ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا 2 نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىمى بىلەن 2 نەپەر مىلىتان ئۆلدى.

194102
ئافغانىستاندا تۇرۇقلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا تۇرۇقلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى.
تالىبان مىلىتانلىرى پايتەخت كابۇلدا چەت ئەللىكلەر تۇرۇۋاتقان بىر تۇرالغۇغا ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا 2 نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىمى بىلەن 2 نەپەر مىلىتان ئۆلدى.
بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن تۇرالغۇنىڭ قورۇ ئىشىكىنى پارتلاتقان مىلىتانلار، ئارقىدىنلا پىلىموتلار بىلەن تۇرالغۇغا بېسىپ كىردى.
ئەتراپتا پاتىپاراقچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇنۇشتا 2 نەپەر ئامانلىق ساقلاش خادىمى بىلەن 2 نەپەر مىلىتان ئۆلدى.
دۆلەتتە يېقىنقى كۈنلەردىمۇ 1 نەپەر ساقچى ئەمەلدارى بىلەن 1 ئايال پارلامېنت ئەزاسى نىشان قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن، نىشاندىكى كىشىلەر زىيانغا ئۇچرىمىغان ھۇجۇملاردا كۆپ ساندا كىشى يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر