سۈرىيەدە يۈز بەرگەن قەتلىئامدا 20 كىشى قازا قىلدى

سۈرىيەدە يۈز بەرگەن قەتلىئامدا 20 كىشى قازا قىلدى، 65 كىشى يارىلاندى.

194105
سۈرىيەدە يۈز بەرگەن قەتلىئامدا 20 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە يۈز بەرگەن قەتلىئامدا 20 كىشى قازا قىلدى، 65 كىشى يارىلاندى.
بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلانلار، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د نىڭ كونتىروللۇقىدىكى باب ئولتۇراق رايونىغا 2 ۋارىل بومبىسى تاشلىدى. ھۇجۇم نەتىجىسىدە 20 كىشى قازا قىلدى، 65 كىشى يارىلاندى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا نارىسىدە بالىلار بىلەن ئاياللارمۇ بار بولۇپ، يارىلانغانلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلانلار شەھەر مەركەزىدىكى خەلق ئەڭ كۆپ جايلارنى بومباردىمان قىلغان، ھۇجۇمدا بىر قىسىم ئۆيلەر ۋەيران بولغان.
ھەلەپنىڭ باب ناھىيەسى 10 ئايدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د تەرىپىدىن كونتىرول قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر