ھاماس خەلق ئارمىيەسى تەشكىل قىلىدۇ

ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانى مۇسۇلمانلارغا تاقىۋېلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھاماس كەلگۈسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

185475
ھاماس خەلق ئارمىيەسى تەشكىل قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس خەلق ئارمىيەسى تەشكىل قىلىدۇ.
ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسانى مۇسۇلمانلارغا تاقىۋېلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ھاماس كەلگۈسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتىھى ئىززەتتىن ئەلقەسسام قىسىملىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قۇرۇلغۇسى خەلىق ئارمىيەسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە 2 مىڭ 500 كىشىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە 20 ياشتىن چوڭلار ئىلتىماس سۇنۇشقا چاقىرىق قىلىندى.
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇسنىڭ شەرقىي قىسمىدا مەسجىدى ئەقسانىڭ تاقىۋېتىلىشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەر، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشماقتا.
قۇددۇسنىڭ شەرقىي قىسمىدا بىر پەلەستىنلىك چارشەنبە كۈنى ماشىنىسىنى پىيادە كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ھەيدەپ، بىر ساقچىنى ئۆلتۈرگەن، 9 كىشىنى يارىلاندۇرغان، ئارقىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى، كېيىنچە ۋەقەدە يارىلانغان ئىسرائىلىيەلىكلەردىن بىرىمۇ ئۆلۈپ كەتكەنىدى.
جىنازا مۇراسىمى جەريانىدا بىر راھىب يەھۇدىيلاردىن مەسجىدى ئەقسانى زىيارەت قىلىنىشنى توختىتىشلىرىنى تەلەپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى مەسجىدى ئەقساغا پەقەت ياشانغانلار بىلەن ئاياللارنىڭلا كىرىشىگە رۇخسەت قىلماقتا.
مەسجىدى ئەقساغا كىرىشلىرىگە ئىزىن بېرىلمىگەن پەلەستىنلىكلەر بولسا كوچىلاردا ناماز قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ئىسرائىلىيە نىشان قىلىنغان ھۇجۇملار بىلەن چېتىشلىقى بولغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىيوردانىيەدە مىڭلارچە كىشى ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيە بىلەن 1994 – يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر