سايلاملار قانۇنسىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسپەرەس بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن ئۆز ئالدىغىلا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنغان دونېتسىك ۋە لۇھانىسىك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «پىرېزىدېنت ۋە پارلامېنت» سايلاملىرىنى ئەيىبلىدى؛ سايلاملارنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

180263
 سايلاملار قانۇنسىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سايلاملار قانۇنسىز.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسپەرەس بۆلگۈنچىلەر تەرىپىدىن ئۆز ئالدىغىلا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنغان دونېتسىك ۋە لۇھانىسىك خەلق جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «پىرېزىدېنت ۋە پارلامېنت» سايلاملىرىنى ئەيىبلىدى؛ سايلاملارنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «سۈنئىي» دەپ تەرىپلەنگەن سايلاملارنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.
رۇسپەرەس بۆلگۈنچىلەرنىڭ، ئىلگىرى ئۇكرائىنانىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرى دائىرىسىدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى نىشان قىلىنغان 5 – ئۆكتەبىر مىنىسىك كېلىشىم لايىھەسىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، شۇڭا بۇ ئاتالمىش سايلام ئارقىلىق مەزكۇر كېلىشىم لايىھەسىنىڭ دەپسەن قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئاق ساراي، رۇسىيەنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ھەربىي لازىمەتلىكلىرىنى ئۇكرائىنا چېگرىسىغا يۆتكىگەنلىكىگە ئالاقىدار خەۋەرلەردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنىمۇ تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر