دونېتسىك ۋە لۇھانسىكتىكى رۇسىيەپەرەسلەر سايلام ئۆتكۈزدى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىگە جايلاشقان رۇسىيەپەرەسلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دونېتسىك ۋە لۇھانسىك رايونلىرىدا پىرېزىدېنتلىق ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.

178930
دونېتسىك ۋە لۇھانسىكتىكى رۇسىيەپەرەسلەر سايلام ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونېتسىك ۋە لۇھانسىك رايونلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى سايلاملارمۇ ماي ئېيىدا ئېلان قىلىنغان مۇستەقىللىقكە ئوخشاشلا خەلقئارا جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىدى. ئۇكرائىنادا مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلغان دونېتسىك ۋە لۇھانسىك رايونلىرىدا، پىرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن بېلەت تاشلاندى. دونېتسىكتا ھازىرقى ھۆكۈمەت باشلىقى ئالېكساندىر زاخارچېنكو %70 ئاۋازغا، لۇھانسىكتا ھازىرقى ھۆكۈمەت باشلىقى ئىگور پلوتنىسكى %63 ئاۋازغا ئېرىشىپ پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى.
دونېتسىك ۋە لۇھانسىكتىكى رۇسىيەپەرەسلەر سايلاملارنىڭ 5 – سېنتەبىردە تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ئەمەسلىكىنى ۋە كىيېۋ ھۆكۈمىتى بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئەمما، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشېنكو سايلاملارغا «كۈلكىلىك» دەپ باھا بەردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بان كىمۇن بۇ ۋەقەلەردىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى «خەلقلەرنىڭ ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىمىز» دەپ بايانات ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر