ئىراق پەشمەرگىلىرى ئى ش ئى د گە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى

ئىراق پەشمەرگىلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

177732
ئىراق پەشمەرگىلىرى ئى ش ئى د گە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ كوبانى ناھىيەسىگە يېتىپ بارغان ئىراقلىق پەشمەرگە كۈچلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئارقىلىق كوبانىغا ئۆتكەن پەشمەرگە كۈچلىرى كوبانى ناھىيەسىنىڭ غەربىدىكى جايلارغا بارىگاھ قۇرۇپ ئورۇنلاشقانىدى. پەشمەرگىلەر تۈنۈگۈن كەچتە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازىلىرىغا روكېت ئاتتى.
ھۇجۇمغا ھازىرغىچە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى جاۋاب قايتۇرمىدى. پەشمەرگىلەر كوبانىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئايروپىلانلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازىلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى كوبانىغا يېقىن جايلاردىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازىلىرىغا بەش قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئارىلىقتا مەركىزى لوندوندا بولغان سۈرىيە ئىنسان ھەقلىرى كۆزەتكۈچى ئىشخانىسى، كوبانى ۋە ئەتراپىدىكى توقۇنۇشلاردا كېيىنكى 3 كۈندە ئەڭ ئاز 100 ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر