خوڭكوڭدا بۇ قېتىم ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى

خوڭكوڭدا بۇ قېتىم ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنىڭ نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

171801
خوڭكوڭدا بۇ قېتىم ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭدا ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن نامايىش ئۆتكۈزمەكتە، ھۆكۈمەت تەرەپدالىرى بىر تەرەپتىن ئۆتكۈزمەكتە. نامايىشلارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان 2 نەپەر مۇخبىر ۋە 2 نەپەر كامېراچى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
بۇ ئارىلىقتا، دېموكراتىيە تەرەپدالىرىنىڭ يول خەرىتىلىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن بۈگۈن ئۆتكۈزمەكچى بولغان رىفاندۇرۇم كېچىكتۈرۈلدى. بىر ئايدىن بۇيان نامايىش ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان دېموكراتىيە تەرەپدالىرى بىلەن ھۆكۈمدات تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى. دېموكراتىيە تەرەپدالىرى كېيىنكى قېتىملىق قەدەملەرگە قارار بېرىش ئۈچۈن بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇم، راي سىناشنىڭ قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى مەسىلىدە كېلىپ چىققان كېلىشمەسلىكلەر سەۋەبلىك كېچىكتۈرۈلدى.
نامايىشچىلار رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ نامايىشنى توختىتىش مەسىلىسىدە قارار بېرەتتى. ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرى سەيشەنبە كۈنى ئۇچراشقان ئىدى. خوڭكوڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھاتلارنى كېڭەش قىلىش ئۈچۈن مۇنبەر تەشكىل قىلىش ۋە نامايىشلار ھەققىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە دوكلات بېرىش قاتارلىق تەكلىپلىرى، نامايىشچىلار تەرىپىدىن رەت قىلىندى.
نامايىشچىلار مەسلىھەتلىشىپ رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۆز ۋالىيىنى سايلىشىغا رۇخسەت بېرىشى ئۈچۈن 28-سىنتەبىردىن بۇيان نامايىش ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ 2017-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان سايلامدا ئۆز ۋالىيسىنى سايلايدىغانلىقىنى، بىراق نامزاتلارنىڭ بېيجىڭ تەرىپىدىن بېكىتىلىشى كېرەكلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر