ب د ت ماسلاشتۇرغۇچىسى تۈركىيەگە كېلىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋەلېرى ئېيمېس تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

161606
ب د ت ماسلاشتۇرغۇچىسى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماسلاشتۇرغۇچىسى تۈركىيەگە كېلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋەلېرى ئېيمېس تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى باياناتچىسى سىتېفان دۇجارىك، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەلېرى ئېيمېسنىڭ 18 – 20 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئەنقەرە ۋە گازىئانتەپتە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئېيمېسنىڭ ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، پاناھلانغۇچىلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن دۇجارىك، ئۇچرىشىشلاردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسىدە تۈركىيەگە قايسى يوسۇندا ياردەم بېرىش مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر