ئالبانىيەدە بالقان رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ جامە سېلىنىدۇ

24 يىللىق ھىجران ئاخىرلىشىدۇ.

159439
ئالبانىيەدە بالقان رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ جامە سېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالقان رايونى بويىچە ئەڭ چوڭ جامە ئالبانىيەنىڭ پايتەختى تىراندا سېلىنىدۇ.
جامەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يىللاردىن بۇيان كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە دىيانەت ۋەقپىسىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى.
ئوسمانلى بىناكارلىق ئۇسلۇبى بويىچە سېلىنىدىغان جامەنىڭ 2 يىلدا تاماملىنىشى پىلانلانماقتا. تىران پارلامېنتىنىڭ يېنىدا 10 گىكتارلىق يەرگە سېلىنىدىغان جامەنىڭ ھەيۋەتلىك سېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 2000 كىشىلىك يېپىق ساھەسى بولىدىغان جامەدە 4500 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدۇ. بىر تۈرك بىناكار ئۇستىسى تەرىپىدىن لايىھلەنگەن جامەنىڭ 4 مۇنارى بولىدۇ.
شۇنداقلا 400 كىشىلىك يىغىن زالى، قۇرئان كۇرسى، لېكسىيە زاللىرى، كۇتۇپخانىسى، رېستوران، تاماقخانا ۋە 2 قەۋەتلىك بالقان مۇزېي بولىدۇ.
نۇرغۇن ئېھتىياجلار قامدىلىدىغان جامەدە يېپىق ماشىنا توختىتىش مەيدانى، مېيىپلار كىرىش ئېغىزى، خىزمەت ۋە بوۋاق ئېمىتىش ئۆيلىرى بولىدۇ. مېڭىشتا قىيىنىلىدىغان ياشانغان ۋە مېيىپلار ئۈچۈن لىفىتلار ياسىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر