جون كېررىي: كوبانىلىقلار تۈرك ئەسكىرىنى خالىمايدۇ

جون كېررىي كوبانىلىق كۈرتلەرنىڭ تۈرك ئەسكىرىنىڭ رايونغا كىرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

153970
جون كېررىي: كوبانىلىقلار تۈرك ئەسكىرىنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي، «كۈرتلەر ۋە رايوندىكى باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلار كوبانىدە تۈرك ئەسكىرىنى خالىمايدۇ» دېدى.
جون كېررىي تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە قۇرۇقلۇقتىن ئەسكەر ئەۋەتىپ ئەۋەتمەيدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈركىيە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى تەشكىللەنگەن ئىتتىپاقداش كۈچلەر سېپىدىن ئورۇن ئېلىپ، مەلۇم ساھەلەردە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. بىراق شۇنىسى ئېنىقكى، كۈرتلەر، ئىراقلىقلار ۋە سۈرىيەلىكلەر تۈرك ئەسكىرىنىڭ كوبانىغا كىرىشىنى خالىمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن ھەممە ئادەم سوغۇققان بولۇشى كېرەك.»
ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى جون ئېيلىننىڭ ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن جون كېررىي، «ۋەكىلىمىزنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلار ئايدىڭلىشىدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر