خوڭكوڭدا دائىرىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار سۆھبەتلىشىدۇ

خوڭكوڭ دائىرىلىرى دېموكراتىيە تەرەپدارى نامايىشچىلارنىڭ ئوقۇغۇچى رەھبەرلىرى بىلەن 12 – ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سۆھبەتلىشىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

150351
خوڭكوڭدا دائىرىلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلار سۆھبەتلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوقۇغۇچىلار فېدېراتسىيەسى ۋە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدا خوڭكوڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2 – قېتىملىق تەييارلىق ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. ئاساسىي قانۇن ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى لاۋ كوڭۋو تەرەپلەرنىڭ كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىشكەنلىكىنى ۋە دىيالوگنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپى ئاساسىدا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. لاۋ فامىلىلىك دائىرىلەرنىڭ ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، خوڭكوڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن كەررى لام باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خوڭكوڭدا بۈگۈنمۇ 300 كىشىنىڭ يوللارنى توسۇپ نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى. تولۇق ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان نامايىشلاردا خوڭكوڭ ساقچىلىرى كىشىلەرنى تارقىتىۋېتىش ئۈچۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتتى. ئارقىدىن ھۆكۈمەت تەرەپدارى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلدى. خوڭكوڭ دائىرىلىرى نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغان كىشىلەرنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ۋە ساقچىلارنىڭ بۇلارنى توسۇش ئۈچۈن ئانچە كۈچ سەرپ قىلمىغانلىقى توغرىسىدىكى شىكايەتلەرنى رەت قىلغان ئىدى.
خوڭكوڭ خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆز رەھبىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سايلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا 2017 – يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋالىي سايلىمىدا نامزاتلارنىڭ بىر كومىتېت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر