"ئى ش ئى د" بىلەن كۇرت گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش

كوبانىدە تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

149765
"ئى ش ئى د" بىلەن كۇرت گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا تۇقۇنۇش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كوبانىدە تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى كوبانىدە "ئى ش ئى د" بىلەن بەزى كۇرت گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كوبانىدە "ئى ش ئى د"غا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
تۇقۇنۇش شەھەرنىڭ چەت ياقا مەھەللىلىرىگە مەركەزلەشكەن ھالدا داۋاملاشماقتا.
بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكىنىڭ كۈنتەرتىپىدە "ئى ش ئى د"غا قارشى كۈرەش يەنە نۇقتۇلۇق ئورۇننى ئېگىلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جېن پىساكى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيەنىڭ بۇ كۈرەشتىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىدى.
پىساكى، «تۈركىيە ھەربىي ھەرىكەت قىلامدۇ - يوقمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، بۇ تېمىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ "ئى ش ئى د"غا قارشى كۈرەشتىكى ئالاھىدە ۋەكىلى پىىنسىيەگە چىققان گېنېرال جون ئاللېن بىلەن ئۇنىڭ مۇئاۋىنى شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىكى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى بىرېت ماك گوركنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان نۇقتۇلۇق تېمىلاردىن بىرسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىلىقتا "ئى ش ئى د"نىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قىلىشقا تىرىشۋاتقان خەلقئارا بىرلەشمە ئارمىيە سىپىگە ئاۋستىرالىيە ۋە دانىيەنىڭ ئارقىدىن كانادامۇ قېتىلدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

كانادا "ئى ش ئى د"غا قارشى كۈرەش ئۈچۈن رايوندىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىغا 6 ئايغىچە ياردەمدە بولۈشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كانادا باش مىنىستىرى ستېپېن ھارپېر پىلانغا ئاساسەن كانادا ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرۇغلۇق ھۇجۇملىرىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ پىلاننىڭ دۈشەنبە كۈنى كانادا پارلامېنتىدا تەستىقتىن ئۆتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر