مىسىردا 18 كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلدى

مىسىردا ھۆكۈمەتكە قارشى 18 كىشىنىڭ سوت نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

145125
مىسىردا 18 كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلدى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ھۆكۈمەتكە قارشى 18 كىشىنىڭ سوت نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.
سوت مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا كۆرە، مىنيا جازا مەھكىمىسى، قانۇنسىز تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش، دۆلەت ئاساسىي قانۇنى سايلىمىنى بايقۇت قىلىش، خەلقنىڭ مال – مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈش، ئەسكەرلەرگە ۋە ساقچىلارغا قارشى قانۇنسىز نامايىش ئۆتكۈزۈش ھەمدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قاتنىشىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا چىقىرىلغان 18 كىشىگە 18 يىللىق قاماق جازاسى ۋە 18 مىڭ دوللار جەرىمانە قويدى.
گۇماندارلارنىڭ بۇ قارارغا قارشى يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنۇش ھوقۇقى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر