فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى.

136532
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن نىيۇ يوركتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن كۆرۈشتى.
ئولاند، رۇھانىغا لىۋان، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى كىرىزىسنىڭ سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەمگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.
ئولاند، رۇھانى بىلەن تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
يادرو كېلىشىمىنىڭ دەرھال ئىمزالىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئولاند، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر