باغدادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 12 كىشى قازا قىلدى.
135568
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 12 كىشى قازا قىلدى.
باغدادنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر بازاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا كۆپ ساندىكى دۇكانلار زىيانغا ئۇچرىدى، 28 كىشى يارىلاندى.