يەرمۇكتا كىچىك بالىلار سۇسىز قالدى

قورشاۋ ئاستىدىكى لاگىردا تۇرۇشلۇق 20 مىڭ گۇناھسز پەلەستىنلىك ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلدى.

132148
يەرمۇكتا كىچىك بالىلار سۇسىز قالدى


سۈرىيەدە پەلەستىنلىكلەر تۇرۇشلۇق يەرمۇك پاناھلانغۇچلار لاگېرىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن 10 كۈندىن بۇيان كېىسىۋېتىلگەن بولغاچقا ئىنسانىيەتكە خىلاپ يېڭى بىر كىرىزىس يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرىدۇ.
ئۇسسۇسسىزلىق تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، قورشاۋ ئاستىدىكى لاگىردا تۇرۇشلۇق 20 مىڭ گۇناھسز پۇقراغا ئېغىر تەھدىت سالماقتا.
ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىملىرى تۈپەيلىدىن يۈرت – ماكانلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولغان پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن 1957 – يىلى قۇرۇپ چىقىلغان يەرمۇك پاناھلانغۇچىلار لاگىرى ئەينى چاغدا يېرىم مىليونغا يېتىپ قالغان نوپۇسى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ لاگىر ھېسابلىناتتى.
سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى لاگىردا 160 مىڭ پاناھلانغۇچى قالغان بولۇپ، دەمىشىققە يېقىن جايدىكى لاگىردىن 140 مىڭغا يېقىن كىشى تۇقۇنۇش تۈپەيلى باشقا جايلارغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
قوراللىق قوزغىلاڭچىلار رايونغا بېسىپ كەلگەندىن كېيىن سۈرىيە ھۆكۈمىتى رايوننى قورشاۋغا ئالدى.
قورشاۋدا قالغان پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلاردىن بەزىلىرى بۇ جەرياندا ئاچارچىلىق يۈزسىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر