شوتلاندىيە خەلقى مۇستەقىل بولماسلىق يولىنى تاللىدى

شوتلاندىيەنىڭ ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ ئايرىلماسلىقى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي رېفېراندۇم ئاياغلاشتى.

132039
شوتلاندىيە خەلقى مۇستەقىل بولماسلىق يولىنى تاللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيەنىڭ ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ ئايرىلماسلىقى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن تارىخىي رېفېراندۇم ئاياغلاشتى.
شوتلاندىيەدىلىكلەر ئەنگىلىيەدىن ئايرىلماسلىق يولىنى تاللىدى.
شوتلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى Glasgow ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش يولىنى، شوتلاندىيەنىڭ پايتەختى Edinburgh بولسا مۇستەقىل بولماسلىق يولىنى تاللىدى.
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى دەيۋىد كېمىرىن، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىڭ بىر ئەۋلاد ئۈچۈن ھەل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇنىڭدىن كېيىن نە تالاش – تارتىش ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ، نە سايلام ئۆتكۈزۈلمەيدۇ، شوتلاندىيە خەلقىنىڭ قەتئىي قارارىغا ھۆرمەت قىلىمىز» دېدى.
كېمىرىن، رېفېراندۇم ھارپىسىدا شوتلاندىيە خەلقىگە بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى، باج ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلەر مەسىلىسىدە Edinburgh غا تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كېمىرىن، ئەنگىلىيەنىڭ باشقا رايونلىرى بولغان گالېر بىلەن شىمالىي ئىرېلاندىيەنىڭمۇ مۇستەقىل بولۇپ بولماسلىق مەسىلىسىگە ئۆزلىرى قارار بېرىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.
مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ لىدىرى شوتلاندىيە مىللەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ئالەكس سالموندمۇ مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىپ، «شوتلاندىيە خەلقىنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەقىل بولماسلىق يولىنى تاللىدى، خەلقنىڭ بۇ قارارىنى قوبۇل قىلىمەن شۇنداقلا پۈتكۈل شوتلاندىيە خەلقىنى بۇ دىپلوماتىك قارارنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىمەن» دېدى.
مۇستەقىللىققا قارشى سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ رەھبىرى ۋە سابىق مالىيە مىنىستىرى ئالىستاير دارلىڭمۇ، «ئەنگىلىيەدىن ئايرىلماسلىق ۋە مۇستەقىل بولماسلىق يولىنى تاللىدۇق، كېرەكسىز بۆلۈنۈشتىنمۇ كۆرە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر ئەۋزەل دەپ قارىدۇق» دېدى.
سايلام نەتىجىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەنگىلىيەنىڭ پۇل بىرلىكى « sterlin» خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە بازارلىرىدىكى قىممىتى يۈكسەلدى.
ياۋروپا پارلامېنتى باشلىكى مارتىن سىكۇلىز، شوتلاندىيە خەلقىنىڭ بۇ قاراردىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سايلام نەتىجىسىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى راسمۇسېن، «ئەنگىلىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسىدۇر، شۇڭا بىز ئىتتىپاقدىشىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش سىياسەتلىرىمىزنى داۋاملىق يولغا قويىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر