ئىسپانىيەدە بۇقا سوقۇشتۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىسپانىيەدە بۇقا سوقۇشتۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

125065
ئىسپانىيەدە بۇقا سوقۇشتۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە بۇقا سوقۇشتۇرۇشقا قارشى چىقىپ كېلىۋاتقان يۈزلەرچە ھايۋان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىسى پايتەخت مادرىدتا نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچىلار بۇقا سوقۇشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئېغىر ھايۋان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. بۇقا سوقۇشتۇرۇشنىڭ چەكلىنىشىنى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، قوللىرىغا نەيزە ئېلىپ تىزىلىرىغا ئۇرۇپ سۇندۇرۇشتى. نامايشىچلار بۇقا سوقۇشتۇرۇشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، توردېسىلاس شەھرىدىكى بۇقا سوقۇشتۇرۇشنىڭ پىلان بويىچە سەيشەنبە كۈنى باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسپانىيە كۈلتۈرىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بۇقا سوقۇشتۇرۇش يۈز يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر