بومبا ھۇجۇملىرى باغدادنى زىلزىلىگە سالدى
ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 45 كىشى يارىلاندى
124277
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىدا 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 45 كىشى يارىلاندى.
باغدادنىڭ شەرقىدىكى يېڭى باغدادقا قاراشلىق ئەلغەدىر رايونىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى، 12 كىشى يارىلاندى، ئەلئەلەۋى رايونىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدىمۇ 2 كىشى قازا قىلدى، 6 كىشى يارىلاندى.
باب ئەلمۇئەززەم رايونىغا جايلاشقان ھەجر خەلق بازىرىدا موتسىكلىت ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 9 كىشى يارىلاندى.
باغدادنىڭ شەرقىدىكى ئەززەفەرانىييە رايونىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدىمۇ 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 11 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، ئەلكەرادە رايونىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا بولسا 2 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 7 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.