FBI كومپىيۇتېر ئېنژىنېرىنىڭ ئىزىغا چۈشتى
ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات تەشكىلاتى FBI، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر كومپىيۇتېر ئېنژىنېرىنىڭ ئىزىغا چۈشتى
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات تەشكىلاتى FBI، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بىر كومپىيۇتېر ئېنژىنېرىنىڭ ئىزىغا چۈشتى.
FBI، 33 ياشلىق ئەھمەد ئەبۇ سەمرا ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرگە 50 مىڭ دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تېگى سۈرىيەلىك ئەھمەد ئەبۇ سەمرانىڭ بوستوندا تۇرۇشلۇق بىر دوختۇرنىڭ بالىسى ئىكەنلىكى، كومپىيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغانلىقى، 2006 - يىلى ئوقۇشنى تاشلاپ يەمەن ۋە پاكىستاندىكى ئەل قائىدە لاگېرلىرىدىكى تەلىم - تەربىيەلەرگە ئىشتىراك قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
FBI، ئەبۇ سەمرانىڭ ئايالى ۋە بالىسى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەنىڭ ھەلەپ شەھىرىدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بازىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، تەشكىلاتنىڭ ئىجتىمائىي ئاخبارات ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.
ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ سېپىدە 100 دىن ئارتۇق ئامېرىكىلىق بار ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيەنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە لىۋانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 6 كىشى قازا قىلىپ، 15 كىشى يارىلاندى.
خىتاي قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلدى
خىتاي سىناق مەقسىتىدە بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بەردى.