فىرانسىيە رۇسىيەگە ئۇرۇش پاراخوتى ساتمايدىغان بولدى

فىرانسىيە رۇسىيەگە ئۇرۇش پاراخوتى ۋاقتىنچە ساتمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

113918
فىرانسىيە رۇسىيەگە ئۇرۇش پاراخوتى ساتمايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە رۇسىيەگە ساتماقچى بولغان ئۇرۇش پاراخوتىنى ھازىرچە ساتمايدىغان بولدى.
فىرانسىيە رۇسىيە ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان مىستىرال دەرىجىلىك تىكئۇچار توشالايدىغان ئۇرۇش پاراخوتىنى تاپشۇرۇپ ۋاقتىنى ئوكرائىنا كىرزىسى سەۋەبىدىن توختىتىپ قويدى. جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ئۇرۇش پاراخوتىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن شەرت-شارائىتلارنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى» بىلدۈرۈلدى.
فىرانسىيە ئىلگىرى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ئوكرائىنادىكى كىرزىس سەۋەبلىك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنىڭ ئەكسىچە، رۇسىيەگە مەزكۇر ئۇرۇش پاراخوتىنى مۇشۇ يىلى ئۆكتەبىردە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
پىرېزىدېنت ئولەند بۇ يىل ئىيۇن ئيېىدا بايانات بېرىپ، زاكاس قىلىنغان تۇنجى پاراخوتنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقلىرىنى، بىراق زاكاس قىلىنغان ئىككىنچى پاراخوتنى قاچان تاپشۇرۇشنىڭ رۇسىيەنىڭ ئوكرائىنا كىرزىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيەنىڭ تۇنجى پاراخوتنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بولغانلىقىنى قەيت قىلغان ئولەند، ۋاقتىدا تاپشۇرۇلمىغان تەقدىردە فىرانسىيەنىڭ رۇسىيەگە 1 مىليارد 100 مىليون ياۋروپا تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.
ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرى ئوكرائىنا كىرزىسىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى رۇسىيەگە تاپشۇرۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان بېسىم كېلىۋاتقان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر