ھامىد كارززائىي ناتو يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشنى رەت قىلدى

ھامىد كارزائىينىڭ ناتو يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

110192
ھامىد كارززائىي ناتو يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىشنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4-5 سېنتەبىر كۈنلىرىدە ئەنگلىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا جەنۇبىي گاللېردا ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ھامىد كارزائىينىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىسمىللاھ مۇھەممەدنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ھامىد كارزائىينىڭ باياناتچىسى ئەمەل فەيزى، ئافغانىستاننىڭ ئاساسلىق رايونلىرىدىن چەتئەل ئەسكەرلىرى چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە ۋاشىنگىتون بىلەن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماسلىق سەۋەبلىك پىرېزىدېنت ھامىد كارازائىينىڭ ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەمەل فەيزى ئافغانىستاندا داۋاملىشىۋاتقان سايلام مۇساپىسى ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى تاماملانمىغان تەقدىردە، ھازىرقى ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىسمىللاھ مۇھەممەدنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېيۋىد كامېرون، ئافغانىستاننىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانىدى.
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ 2014-يىلىدىن كېيىنمۇ ئافغانىستاندا قېلىپ ۋەزىپە ئۆتىشىنى مەزمۇن قىلغان ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى ئافغانىستان خەلق مەجلىسى تەرىپىدىن ماقۇللىنىپ پىرېزىدېنت ھامىد كارزائىيغا سۇنۇلغان ئىدى، بىراق ھامىد كارزائىي مەزكۇر كېلىشىمگە ۋاقتىنچە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ، كېيىنكى پىرېزىدېنتقا قالدۇرۇپ قويغانىدى.
ئەنگلىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا 4-5 سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر