ئىسىرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرى ئوخشىمايدىغان باياناتلارنى ب

ئىسمائىل ھانىيە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ سۈپىتىنى نامايەن قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

106043
ئىسىرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرى ئوخشىمايدىغان باياناتلارنى ب

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ھانىيە پەلەستىن بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئىسىرائىلىيەگە قارشى كۈرەشنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىنى ۋە يېقىنقى سەككىز يىللىق پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ سۈپىتىنى نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسمائىل ھانىيە غەززەنىڭ غەربىگە جايلاشقان پارلامېنت بىناسى مايدانىغا توپلانغان مىڭلارچە ئادەمگە خىتاب قىلدى.
ئىسىرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم باشلىغان كۈندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خەلققە خىتاب قىلغان ھانىيە: «پۈتۈن دۇنيا گۇۋاھ بولغان غەلىبە پەقەت غەززەنىڭلا ئەمەس، بەلكى قۇددۇس، مەسچىدى ئەقسا ۋە پۈتۈن پەلەستىن زېمىنىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى نىشان قىلغان يىللار بويىچە داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ نەتىجىسىدۇر» دېدى.
جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە كەلگەن پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتىنىڭ، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنى توختىتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى دەرھال يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ غەززەدە پورت ۋە ئايرودۇرۇمغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنىڭ بىر ئايدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتىكى شەرتلەر توغرىسىدا پەلەستىندىكى پۈتۈن گۇرۇپپىلارنىڭ پۈتۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئۇچرىشىشلاردا ۋاستىچىلىك رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خەلقىگە خىتاب قىلغان ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ، ھاماس يەتمەكچى بولغان ئارزۇلىرىنىڭ ھېچقايسىغا يېتەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۇجۇمدا ھاماسنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ دۇنيانى ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان نىشانىنىڭ غەززەنىڭ قورالسىزلىنىشى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسىرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاۋىگدور لىبېرمان بولسا، ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېتىدە پىكىر بايان قىلىپ: «قاتىللارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر