ئىتالىيە كۆچمەن مەسىلىسى ئالدىدا چارىسىز قالماقتا

دۇنيادا كۆچمەنلەرنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارماقتا

96262
ئىتالىيە كۆچمەن مەسىلىسى ئالدىدا چارىسىز قالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مىقياسىدا ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، نامراتلىق ۋە سىياسىي بېسىم سەۋەبلىك يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولىۋاتقانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ بارماقتا.
بۇ مۇساپىرلارغا نىسبەتەن ياۋروپا تېخىمۇ ياخشى ياشاشنىڭ ماكانى ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپاغا دېڭىز ئارقىلىق بارماقچى بولغان يۈزلەرچە قانۇنسىز كۆچمەن، كېمىلەردە ھايات-ماماتلىق كۈرىشى بەرمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ كۈرىشى تېخىمۇ ياخشى شارائىتتا ياشاش ئۈچۈندۇر.
قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ياۋروپاغا كىرىش ئېغىزلىرىدىن بىرى بولغان ئىتالىيەگە بۇ يىلدىن باشلاپ 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەم كېمىلەر بىلەن كەلدى. ئىتالىيە كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان كۆچمەنلەر دولقۇنى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
جاپا-مۇشەققەتلىك سەپەرلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىمۇ ئېشىپ بارماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆتكەن ئاي 800 كۆچمەننىڭ ئاكدېڭىزدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 2013-يىلى 600 كۆچمەن سەپەردە ئۆلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر