ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىدۇ

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقىنىڭ 4- نۆۋەتلىك يىغىنى كۆپ ساندا ئۆلىمالارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا بۈگۈن ئىستانبۇلدا باشلىنىدۇ.

96492
ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىدۇ

بۇ يىل «ئۈممەتنىڭ ئويغىنىشىدا ئۆلىمالارنىڭ رولى (كىملىك مەسىلىلىرى)» دېگەن تېما ئاستىدا چاقىرىلغان مەزكۇر يىغىن 3 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كۆپلىگەن ئەللەردىن ئۆلىمالار ئىشتىراك قىلىدۇ.

يىغىن دائىرىسىدە دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى يۇسۇف ئەلقەرداۋىنىڭ سۆز قىلىشى ۋە باش كاتىپ پىروفېسسور مۇھيىددىن قاراداغىنىڭ 3- نۆۋەتلىك يىغىننىڭ دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتۈشى كۈتۈلمەكتە. يىغىن جەريانىدا يەنە، مۇسۇلمان ئۆلىمالار ئىتتىپاقىنىڭ 4- نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ئورگىنى ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىدۇ.

يەمەنلىك ئالىم ئابدۇلۋاھھاب ئەددەيلەمى، چېچىنىستان مۇپتىسى سالاھ مىجىيېۋ قاتارلىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلىمالىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدىغان 4- نۆۋەتلىك يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ئىچىدە «پىكرىي مەسىلىلەردە ئۆلىمالارنىڭ رولى»، «كىملىكنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىدا ئۆلىمالارنىڭ رولى»، «پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسىلىسىدە ئۆلىمالارنىڭ رولى»، «ئۈممەت مەسىلىلىرىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مېدىيادىن پايدىلىنىشتا ئۆلىمالارنىڭ رولى» قاتارلىقلاردىن سىرت ئىسلام دۇنياسىدا دىنىي تەلىم – تەربىيە رېئاللىقى ۋە ئىستەكلەر» دېگەندەك تېمىلارمۇ بار.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر