رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كىرزىس تېخىچە ھەل بولمىدى

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ياردەم بۇيۇملىرى مەسىلىسى بويىچە كېلىپ چىققان كېلىشمەلىكلەرنى تېخىچە ھەل قىلالمىدى.

89939
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كىرزىس تېخىچە ھەل بولمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىدە كېلىپ چىققان كىرزىسلەر ھەل بولمىدى.
ئامېرىكىلىق مەسئۇللار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن ياردەم بۇيۇملىرى ئىچىدە ھەربىي لازىمەتكلەرنىڭمۇ ئەۋەتىلىشىدىن گۇمانلانغان كىيېۋ ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى مارىي ھارف 208 يۈك ماشىنىسىدىن تەشكىل تاپقان ياردەم ئەترىتى ئۇكرائىناغا كىرگەندىن كېيىن، ياردەم بۇيۇملىرى ۋە ئەترىتىنىڭ خەلقئارا قىزىل كىرست مەسئۇللىرى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
ياردەم بۇيۇملىرى ئىچىدە قورال-ياراغ بارلىقىغا دائىر قاراشلارغا رۇسىيە دەرھال جاۋاب قايتۇردى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ قىزىل كرىست جەمئىيىتى ئەزالىرىدىن سىرت ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشىكلاتى مەسئۇللىرىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. يۈك ماشىنلىرىدا 400 توننا ئاشلىق، 100 توننا شېكەر، 62 توننا سۈت پاراشوكى، 54 توننا مېدىتسىنا بۇيۇملىرى ۋە دورا-دەرمەك، 12مىڭ دانە ئۇخلاش تۇلۇمى ۋە 68 توك ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسى بارلىقى قەيت قىلىندى.
تەخمىنەن مىڭ كىلومېتىر قاتنايدىغان يۈك ماشىنىلىرى ئۇكرائىنا دائىرلىرى بېكىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە مېڭىپ، رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسىغا جايلاشقان لۇخانسك شەھرىدىن كىرىشى كۈتۈلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا ئۇكرائىنادا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. دونېتسك شەھرىگە يېقىن جايلاردا بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قولىدىكى سايىنۇۋاتا ناھىيەسىدە 3 ئادەم ئۆلدى. توپ ئوقلىرىدا 2 بىنا بىلەن بىر تاللا بازىرى ۋەيران قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر