ئۇكرائىنا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلانماقتا

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانماقتا.

80311
ئۇكرائىنا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى شەرقتىكى رۇسىيە تەرەپدارلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانماقتا.
دونېتسىكتە قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە 600دىن ئارتۇق ئولتۇراق رايونىنى رۇسىيە تەرەپدارلىرىدىن قايتۇرۇپ ئالدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى دونېتسكنىڭ 25 كىلومېتىر شىمالىدىكى ئاياسسىنۇۋاتا ناھىيەسىنى قولغا كىرگۈزدى، مارىنكا ناھىيەسىدىمۇ شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان پۇقرالارنى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە، شۇنداقلا، رۇسىيە تەرەپدارلىرىنى پۇقرالارنىڭ قېچىشى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورلىرى بەرپا قىلىنىشقا ۋە بۇ كارىدورلار ئەتراپىدا ئۇرۇش توختىتىشقا رىئايە قىلىشقا چاقىردى.
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى دونېتسك چېگرىسىغا تاكتىكىلىق روكېت باتارىيەلىرى ۋە روكېت ئاتار سىستېمىلىرى ئورۇنلاشتۇرماقتا. بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيىگە كۆرە 400دىن ئارتۇق، كىيىۋ ھۆكۈمىتىگە كۆرە 311 ئوكرائىنا ئەسكىرى رۇسىيە تەرەپكە ئۆتۈپ تەسلىم بولغان. كىيىۋ ھۆكۈمىتى بۇ ئەسكەرلەرنىڭ توقۇنۇشلار سەۋەبلىك رۇسىيە زېمىنىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا چېگراسىدا 100 ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتناشتۇرۇلىدىغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە 4 ئايدىن بۇيان داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردا 1100 ئادەم ئۆلدى. بۇ ساننىڭ ئىچىدە17-ئىيۇلدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن مالايشىيا ئايروپىلاندىكى 298 يولۇچى يوق.
مالايشىيا ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن يەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان گوللاندىيەلىك ۋە ئاۋىستىرالىيەلىك مۇتەخەسسىلەرگە مالايشىيالىق مۇتەخەسسىلەرمۇ قاتناشتى. مۇتەخەسسىسلەر ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبلىرى ئۈچۈن دەلىل يىغماقتا. يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ جەسەتلىرى ئايروپىلان بىلەن گوللاندىيەگە توشۇلدى. ھازىرغىچە 220ئادەمنىڭ جەسىتىنىڭ گوللاندىيەگە توشۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر