ئىسرائىلىيە روزا ھېيتتىمۇ ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى 3 نۇقتىغا ھۇجۇم قىلدى
73004
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە روزا ھېيتتىمۇ ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى 3 نۇقتىغا ھۇجۇم قىلدى.
شاھىتلاتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە تانكىلىرى تاڭ سەھەردە غەززە رايونىغىچە سوزۇلىدىغان خان يۇنۇس، بەيت خانۇن شەھەرلىرى بىلەن جەبالىيە يېزىسىدىكى بىر قىسىم نۇقتىلارغا ھۇجۇم قىلغان.
پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مەزكۇر ھۇجۇملاردا ھازىرغىچە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەن.