تەيۋەندە ئايروپىلان قازاسى... 47 ئادەم ئۆلدى

تەيۋەندە ترانس ئاسىيا ھاۋا يوللىرىغا تەۋە بىر ئايروپىلان جىددىي قونۇش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتتى؛ قازادا 47 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

68919
تەيۋەندە ئايروپىلان قازاسى... 47 ئادەم ئۆلدى

تەيۋەندە ترانس ئاسىيا ھاۋا يوللىرىغا تەۋە بىر ئايروپىلان جىددىي قونۇش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتتى؛ قازادا 47 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ترانس ئاسىيا ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تەۋە ART-72 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى تۈنۈگۈن گاۋشىياڭ شەھىرىدىكى شىياۋگاڭ ئايرودورۇمىدىن پىنغۇ ماگوڭ ئايرودورۇمىغا قاراپ قوزغالغان بولۇپ، ناچار ھاۋا شارائىتى سەۋەبىدىن جىددىي قونۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى. جىددىي قونۇش ئەسناسىدا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندا 54 يولۇچى ۋە 4 ئايروپىلان مۇلازىمەتچىسىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى. ئايروپىلاندىكىلەرنىڭ 47 نەپىرى قازا ئەسناسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى، قازادا يارىلانغان 11 ئادەم بالنىستقا ئېلىندى.
ئايروپىلان سوقۇلۇق كەتكەن بوش بىناغا ئوت كەتتى. تەيۋەندە ئۆزىنى كۆرسەتكەن ماتمو بورىنىدىن كېيىن كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانىدى.
قازانى بوران كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېگەن قاراش ھۆكۈمران ئورۇننى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، ۋەقە ئەسناسىدىكى ھاۋا شارائىتىنىڭ ئايروپىلاننىڭ قونۇشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر