يۈننەندە يەر كۆچۈش ئاپىتىدە 4 كىشى ئۆلدى

جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدا مەيدانغا كەلگەن يەر كۆچۈش ئاپىتىدە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 7 كىشى يارىلاندى

67041
يۈننەندە يەر كۆچۈش ئاپىتىدە 4 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدا مەيدانغا كەلگەن يەر كۆچۈش ئاپىتىدە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 7 كىشى يارىلاندى.
يۈننەن ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر كۆچۈش ئاپىتىدىن كېيىن ئىزدەش قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى يوقاپ كەتكەن 16 كىشىنى تېپىشقا تىرىشماقتا.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر كۆچۈش ئاپىتىدە 13 ئۆي ۋەيران بولغان، كۆپ ساندا ئۆي ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
يەر كۆچۈش ئاپىتىدىن كېيىن رايوندا قاتناش ئاقساپ قالغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر