ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى تۈركىيەدە ساياھەت قىلماسلىققا چاقىردى

ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى مەجبۇر قالمىغۇچە تۈركىيەگە بارماسلىققا چاقىردى.

70875
ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى تۈركىيەدە ساياھەت قىلماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى پۇقرالىرىنى «مەجبۇر قالمىغۇچە» تۈركىيەگە بارماسلىققا چاقىردى.
مىنىستىرلىكنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە: « غەززەگە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاپىزەتچى لىنىيە ناملىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۈرك خەلقىنىڭ ئۆتكۈزگەن نارازىلىق نامايىشلىرى سەۋەبلىك ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى تۈركىيەگە بارماسلىقى لازىم» دېيىلدى.
مىنىستىرلىك تۈركىيەگە بارغان ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنىڭ «دىققەت قىلىش ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن يەرلەردىن يىراق تۇرۇش» كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، تۈركىيەدىكى ۋاكالەتخانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملىرى بىلەن ئائىلىلىرىنىڭ تۈركىيەدىن كەتمەكچى بولغانلىقلىرىنى ۋە ئەنقەرە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى تۆۋەنلەتمەكچى بولغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 7-ئىيۇلدا «مۇھاپىزەتچى لىنىيە» نامى ئاستىدا غەززەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنىمۇ قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.
غەززەدە كۆپىنچىسى بىگۇناھ خەلققە تەۋە يەرلەرگە زەربە بەرگەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھۇجۇملىرىدا بالا ۋە ئاياللار بولۇپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر