پەلەستىن بىر چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋەتتى

پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىر چېگرا ئېغىزىنى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ تاقىۋەتتى.

130586
پەلەستىن بىر چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ «مۇھاپىزەت لىنىيەسى» نامى ئاستى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك غەززە چېگرىسىدىكى بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىزىنىڭ پەلەستىن تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
غەززەدىكى چېگرا ئېغىزلىرى ئىدارىسى مۇدىرى ماھىر ئەبۇ سۇبھى ئىسرائىلىيەنىڭ بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىزىنى نىشانغا ئېلىپ ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ شارائىتلاردا خىزمەت قىلالمايدىغانلىقلىرى سەۋەبلىك چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئەبۇ سۇبھى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى چېگرا ئېغىزىدا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنى قوغداش ئۈچۈن چاقىردى.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 12-ئىيۇندا يوقاپ كەتكەن 3 يەھۇدىي كۆچمەننىڭ جەسىتى تېپىلغاندىن كېيىن، پەلەستىنلىك مۇھەممەد ئەبۇ خۇدايىر 2-ئىيۇلدا يەھۇدىي كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلىپ كۆيدۈرۈپ تاشلانغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن ئۆتكەن ھەپتە يەكشەنبە كۈنى غەززەگە «مۇھاپىزەت لىنىيەسى» نامى ئاستىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرغىچە غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 194 نەپەر ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 1400 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ھاماسنىڭ 2006-يىلدا غەززەنى كونترول قىلىشىدىن كېيىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغان بولۇپ، رايونغا تۇتۇشىدىغان 6 چېگرا ئېغىزىنى تاقىۋەتكەنىدى. بۇ ئېغىزلاردىن بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىزى چەتئەللىكلەر، كەرم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزى بولسا، بەزى سودا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۆتۈشى ئۈچۈن پات-پات قىسقا مۇددەتلىك ئېچىۋېتىلەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر