ئافغانىستاندىكى سايلام سۈركىلىشى ئاخىرلاشتى

ئافغانىستاندا سايلام بېلەتلىرى قايتىدىن سانىلىدۇ؛ ئافغانىستاندا سايلام نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۈركىلىش ئاخىرلاشتى.

127583
ئافغانىستاندىكى سايلام سۈركىلىشى ئاخىرلاشتى

ئافغانىستاندا سايلام بېلەتلىرى قايتىدىن سانىلىدۇ؛ ئافغانىستاندا سايلام نەتىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۈركىلىش ئاخىرلاشتى.
ئافغانىستاندا ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنى ئىككىنچى باسقۇچىدا رىقابەتكە چۈشكەن ئىككى نامزات ئەشرەف غەنى بىلەن ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ قايتىدىن سانىلىشىنى قوبۇل قىلدى.
ئېلان قىلىنغان نەتىجىلەرگە كۆرە، ئەشرەف غەنى ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %56.44 نى، ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ %43 نى ئالغان بولسىمۇ، سايلامغا ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن نامزاتلار، نەتىجىگە ئېتىراز بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېررى كابۇلغا بېرىپ ئىككى رەھبەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن تەرەپلەر، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ قايتىدىن سانىلىشى مەسىلىسىدە بىرلىك ھاسىل قىلدى. ھەر ئىككى نامزات بۇ قېتىمقى نەتىجىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر