سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەل قائىدە بىلەن توقۇنۇش چىقتى

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەل قائىدە بىلەن چىققان توقۇنۇشتا، توققۇز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 10 ئادەم يارىلاندى.

120388
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەل قائىدە بىلەن توقۇنۇش چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جەنۇبتىكى ئەل ۋېدىيا چېگرا ئېغىزىدىكى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ، ئەل قائىدەنىڭ قوراللىق ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە تۆت ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 10 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا: «ئۈچ ھۇجۇمچى نەق مەيداندا ئۆلدى، ئىككى نەپىرى يېقىن ئەتراپتىكى بىناغا كىرىۋالدى. توقۇنۇش ۋە سۆزلىشىشتىن نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلۈۋالدى» دېيىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر