كۇلسىن 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

(News of the World) گېزىتىنىڭ سابىق باش تەھرىرلىرىدىن ئاندى كۇلسىن 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

117882
كۇلسىن 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

ئەنگىلىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان مەخپىي تىڭشاش دېلوسىدا سوتقا تارتىلغان (News of the World) گېزىتىنىڭ سابىق باش تەھرىرلىرىدىن ئاندى كۇلسىن 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئاندى كۇلسىن بىر مەزگىل ئەنگلىيە باش مىنىستىرى داۋىد كامىروننىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان بولۇپ، 8 ئاي داۋام قىلغان سوتتىن كېيىن 24 – ئىيۇن كۈنى جىنايىتى رەسمىي بېكىتىلدى.
گېزىتتە ئېلان قىلىنىدىغان خەۋەرلەر ئۈچۈن باشقىلارنىڭ يانفۇنلىرىنى مەخپىي تىڭشىتىش ھەمدە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئالاقىدار خادىملارغا پارا بېرىش جىنايىتى بېكىتىلىپ، 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ دىلودا سوتقا تارتىلغان ۋە مەلۇم مەزگىل (News of the World) گېزىتىنىڭ باش مۇدىرلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن رېبېكاھ بىرۇكىس ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەردىن ئاقلىنىپ چىققان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر