ئىتالىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى 1- ئىيۇلدا تاپشۇرۇپ ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىتالىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا.

110465
ئىتالىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە

پايتەخت رومادا تۈنۈگۈن مىڭلارچە كىشى باش مىنىستىر ماتتېئو رېنزى ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەسەررۇپ قىلىش سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى. ئىتالىيە كوممۇنىست ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، رېنزى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.
نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى 1- ئىيۇلدا گىرېتسىيەدىن تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ئىتالىيەنى قىيىن كۈنلەر كۈتمەكتە؛ ماتتېئو رېنزى نۆۋەتچى رەئىسلىكى مەزگىلىدە ياۋروپادا يېڭى سايلام قانۇنىدىن تارتىپ ئاممىۋىي خىراجەتلەرنى قىسقارتىشقىچە بولغان كۆپلىگەن ساھەگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى پىلانلىماقتا.
رېزىنىڭ نىشانلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپالىق ئىتتىپاقداشلىرىنى قايىل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر