ئوباما ۋە كەمېروندىن رۇسىيەگە چاقىرىق...
ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا ۋە ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئۇكرائىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ ئوباما بۇ دائىرىدە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ديېۋىد كەمېرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
ئاق ساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رەھبەرلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنىڭ ‹ئۇرۇش توختىتىش قارارى› غا بويسۇنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئوباما بىلەن كەمېرون رۇسىيەگە قاراتقان چېگرادىن قورال ۋە مىلىتانلارنىڭ ئۆتۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىدى ۋە موسكۋادىن نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ، بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارنى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تىنچلىق پىلانىغا بويسۇنۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.
باياناتتا، رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى جىددىيچىلىكنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كونكرېت قەدەم تاشلىمىغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇمچە جازالارنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە، ئىككى رەھبەرنىڭ ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ مۇھاكىمە ئېلىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
خىتاي قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى سىناق قىلدى
خىتاي سىناق مەقسىتىدە بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا (ICBM) نى تىنچ ئوكيانغا قويۇپ بەردى.