مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈنۈگۈن پايتەخت قاھىرەدە ۋە غىزادا ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى يۈرۈش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نامايىشتا ئابدۇلفەتتاھ ئەل سىسىنىڭ پىرېزىېدنتلىققا سايلانغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

102483

ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا راس ئوق ئشلىتىپ مۇداخىلە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقەدە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 7 كىشى يارىدار بولدى ۋە ئىككى كىشى قولغا ئېلىندى.
مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، نامايىشچىلاغا قارشى راس ئوق ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدىكى سۆزلەرگە ئالاقىدار ھېچ قانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا سىسى سايلانغان بولۇپ، 8 – ئىيۇن يەكەشەنبە كۈنى دۆلەت ئاساسىي قانۇنى مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسنى ئەدلى مەنسۇردىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى.
ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى خەلق ئىتتىپاقى، 2013 – يىل 3 – ئىيۇلدا ھەربىي ئۆگىرىش بولغانلىقىغا بىر يىل توشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنۈگۈندىن باشلاپ مىسىردا كەڭ كۆلەملىك ئومۇمىي يۈزلۈك نامايىش ئۆتكۈزۈش چاقىرىقىدا بولغان ئىدى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر