جۇڭگودا بىر ھەربىي ئىسكىلات پارتلاپ كەتتى

جۇڭگونىڭ خۇنەن ئۆلكىسى خىڭياڭ شەھىرىدىكى بىر ھەربىي ئىسكىلاتتا پارتلاش يۈز بېرىپ، 17 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

98831
جۇڭگودا بىر ھەربىي ئىسكىلات پارتلاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر ھەربىي ئىسكىلاتتا يۈز بەرگەن پارتلاشتا، 17 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارتلاش خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خىڭياڭ شەھىرىدە ئەسكەرلەر ئىسكىلاتقا ھەربىي ئەسلىھەلەرنى توشۇۋاتقاندا يۈز بەرگەن.
مەسئۇل دائىرىلەر 17 ئەسكەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان پارتلاشنىڭ «بىر ۋەقە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، پۇقرالارنىڭ ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.
جۇڭگو 2 مىليون 300 مىڭ ئەسكىرى بىلەن دۇنيادا سان جەھەتتە ئەڭ كۆپ بولغان ئارمىيەگە ئىگە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر