ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى «شەرىئەت» يولغا قويۇشنىڭ كويىدا

مۇسۇلدا رايون ئاھالىلىرى شەھەرنىڭ بەزى يەرلىرىدە خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇداخىلە قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈردى

95297
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى «شەرىئەت» يولغا قويۇشنىڭ كويىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تىزگىنىدىكى مۇسۇلدا رايون ئاھالىلىرى، شەھەرنىڭ بەزى يەرلىرىدە خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مۇداخىلە قىلىنغانلىقى ۋە شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسىمنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان رايون ئاھالىلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ چارلاش قىسىملىرىنىڭ ئىنسانلارنى گۇرۇپپا ھالىتىدە تەشكىللەپ بىر قاتار يوليۇرۇق ۋە قارارلار يەتكۈزگەنلىكلىرىنى، شۇنداقلا خەلقنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قارارلىرى ۋە بۇيرۇقلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
رايون ئاھالىلىرىنى داۋاملىق يىغىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ «تاماكا سېتىشنى چەكلەش، ياشانغانلار ۋاقتىنى قەرت ئويناش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان قەھۋەخانىلار، ھاراق-شاراب ساتىدىغان دۇكانلارنى تاقىۋېتىش، قىزلار ئوقۇيدىغان قىزلار مەكتىپىنى تاقىۋېتىش، ئاياللار گىرىم قىلىپ سىرتقا چىقماسلىق» قاتارلىق بىر قاتار چەكلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ چەكلىمە ۋە بۇيرۇقلارغا بويسۇنمىغانلارنىڭ خەلقى ئالەم ئالدىدا قامچىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. رايون ئاھالىلىرى بۇ چەكلىمىلەرنىڭ مۇسۇللۇقلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ماسلاشمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر