پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى سۈركىلىش كەسكىنلەشمەكتە

95293
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى سۈركىلىش كەسكىنلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئۈچ كۈندىن بۇيان خەۋەر ئېلىنالمايۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك ئۈچ ياشنى ئىزدىمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەلىك ئۈچ ياش ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا مەكتەپتىن چىقىپ ئۆيلىرىگە قايتىش يولىدا يوقاپ كەتكەن.
مىڭلارچە ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بولۇپمۇ ئەل خەلىل رايونىدىمۇ يوقاپ كەتكەن بۇ ياشلارنى ئىزدىمەكتە. ئۆيمۇ ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ 16 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە مەسئۇللىرى 16 ۋە 19 ياشلىق ياشلارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن پەلەستىن ھاكىمىيىتىنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇ بۇ ياشلارنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىشلەش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بارماقچى بولغان پەلەستىنلىك ئىشچىلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى.
ئىسرائىلىيەلىك ياشلارنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا ئەل فەتىھ ۋە ھاماسنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان سۈركىلىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر