رۇسىيە پوروشەنكونىڭ پوزىتسىيەسىگە ئىجابىي باھا بەردى

ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى پېترو پوروشەنكونىڭ ئۇكرائانادىكى ۋەقەلەرنى توختىتىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئىجابىي باھا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

86301
رۇسىيە پوروشەنكونىڭ پوزىتسىيەسىگە ئىجابىي باھا بەردى

رۇسىيە پوروشەنكونىڭ پوزىتسىيەسىگە ئىجابىي باھا بەردى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى پېترو پوروشەنكونىڭ ئۇكرائانادىكى ۋەقەلەرنى توختىتىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىگە ئىجابىي باھا بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.
پۇتىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان نورماندىيە ئۇرۇشىنىڭ 70 – يىلىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلگەن كائېندە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، پوروشەنكو بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقا سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
پۇتىن «پوروشەنكونىڭ ئۇكرائىنادا ئېقىۋاتقان قاننى توختىتىش ئۈچۈن بىر پىلانى بار، ئەمما قانداق پىلانىنىڭ بارلىقىنى مەندىن ئەمەس ئۇنىڭدىن سوراڭلار، ماڭا ئىككى ئېغىر سۆز بىلەنلا بۇنى ئاڭلاتتى، بىراق بۇنى فىرانسىيەدە ئېلان قىلىش باشقا ۋە ئۆز دۆلىتىدە ئېلان قىلىش باشقا بىر ئىش» دېدى.
پوروشەنكونىڭ پىلانىغا «توغرا» دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پۇتىن، پوروشەنكونىڭ يولغا قويغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كارغا يارىمىغان تەقدىردە، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئىقتىساد قاتارلىق باشقا نۇرغۇنلىغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك شارائىتلارنىڭ شەكىللەندۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ئۇكرائىنادا ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.
دىيالوگقا نىسبەتەن ھەر قايسى تەرەپلەرگە ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە تەرەپدارلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۆلگۈنچىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەسلىتىپ، رۇسىيەنىڭ بۇ كىرىزىسكە تەرەپ ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر