ئافغانىستاندا ھىندىستان ئەلچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئافغانىستاننىڭ ھەرات شەھىرىدىكى ھىندىستان ئەلچىخانىسى قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
71837
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا ھىندىستان ئەلچىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
ئافغانىستاننىڭ ھەرات شەھىرىدىكى ھىندىستان ئەلچىخانىسى قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى سىيېد ئابكارۇددىن، ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، زوراۋانلار بىلەن ئافغانىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇدا بىرقانچە سائەت توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، توقۇنۇش ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ - كۆرۈلمىگەنلىكى، زوراۋانلارنىڭ كىملىكى توغرۇلۇق ھازىرچە ھېچقانداق مەلۇمات يوق ئىكەن.