ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بوكو ھارام تەشكىلاتى توغرىسىدا يىغىن ئاچ

68755
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بوكو ھارام تەشكىلاتى توغرىسىدا يىغىن ئاچ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئافرىقا ئىشلىرى كومىتېتىدا، نىگېرىيەدە بوكو ھارام تەشكىلاتى ۋە قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلىپ كېتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىن ئېچىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى روبېرت جېكسون يىغىندا، نىگېرىيەدە بوكو ھارام تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن قىز ئوقۇغۇچىلار توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرىدۇر» دېدى. ئۇ نىگېرىيەنىڭ ئورنىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ھالدا بوكو ھارام تەشكىلاتى ھۇجۇملىرىنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا، نىگېرىيە ھۆكۈمىتىدىن تۆۋەندىكىدەك تەلەپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «نىگېرىيە ھۆكۈمىتى، بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تىزىملىككە كىرگۈزۈشنىڭ، دىققەتنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن ئەكسى تەسىر پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈردى. بىز بۇ قاراش تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى بىر مەزگىل قوبۇل قىلدۇق، ئەمما 2012 – يىلى مەزكۇر تەشكىلاتنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتۇق.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر