80 مىڭ جەنۇبىي سۇدانلىق سۇدانغا كۆچتى

68763
80 مىڭ جەنۇبىي سۇدانلىق سۇدانغا كۆچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداندىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ھەپتىلىك دوكلاتتا، يېقىنقى بەش ئاي ئىچىدە 80 مىڭ جەنۇبىي سۇدانلىقنىڭ سۇدانغا كۆچكەنلىكى قەيت قىلىندى.

جەنۇبىي سۇدانلىق پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە 13 مىڭ كىشى كۆپەيگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، يېمەك – ئىچمەك ۋە سەھىيە ساھەلىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجنىڭ بارلىقى تەكىتلەندى.

جەنۇبىي سۇداندا، پىرېزىدېنت سالۋا كىئىر ماياردىت 2013 – يىلى 16 – دېكابىر ياردەمچىسى رىيېك ماچارنى ھەربىي ئۆزگىرش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ماچار تەرەپدارلىرى ئارىسىدا ئۇرۇش باشلانغان ئىدى.

جەنۇبىي سۇدان كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن ماچار تەشكىللىگەن ھەيئەت ئارىسىدا 2014 – يىلى 3 – يانۋار ئېفىيوپىيە پايتەختى ئەددىس ئەبىبەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىدە، 23 – يانۋار ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپ قىلىنغان كېلىشىم ئىمزالانغان، ئەمما ئىجرا قىلىنمىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر